نادىر كىنوخانىمىزغا مەرھەممەت ئاۋازلىق ئەسەرلەر ئۆزبىكچە پىلاستىنكىلار ئۇيغۇرچە كىنولار ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلار
كۈلكە-ئىتوتلار MTV ئىكرانى كىنو-فىلىم ناخشا - مۇزىكا رەسىملىك خەۋەر سۈرەتلىك خەۋەر خـەۋەرلـەر
مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات ساغلاملىق خانىم- قىزلار كومپيۇتېر ۋە IT رەسىم دۇنياسى شەخىسلەر
چولپانلارسالۇنى تەنتەربىيە قانىلى تور ئويۇنى پەن-تېخنىكا قانۇندىن ساۋات چولپانلارسالۇنى مـائارىـــپ
  ھەپتىلىك تەۋسىيە  
01-19 دادام توي قىلدى <ھىكايە
01-18 ئەر–خوتۇنلار ئىناقلىقىدىكى سەكك...
01-17 ئەجەل تونى (ھىكايە) ئىككىنچى بۆلۈ...
01-17 ئەجەل تونى (ھىكايە) ئىككىنچى بۆلۈ...
01-17 ئەجەل تونى (ھىكايە)بىرىنچى بۆلۈم...
10-05 موللا زەيدىن
10-05 لۇتبۇللا مۇتەللىپ
10-05 مەمتىلى ئەپەندى
10-05 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
10-05 ئابدۇقادىر داموللام
10-05 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
10-05 تەجەللى
10-05 فىردەۋسى
10-05 نىزامى
10-05 خاراباتى
10-05 زەلىلى
10-05 برۇنى
10-05 سەئىدى
10-05 ئۆمەر ھەييام
10-05 سۇلتان سەئىدخان
ئورنىڭىز:ئةسةرلةر >> ئةدةبصي ئةسةرلةر >>  
 
دادام توي قىلدى <ھىكايە
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:140  
دادام توي قىلدى


ھىكايە



ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى،ئۈرۈمچىگە كاماندۇرۇپكىغا ماڭدىم.ئاپتۇۋۇزدا 18-19 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ ماڭدۇق.ئاپتوۋۇز قوزغۇلۇپ خېلى يەرگە بارغىچە بىز پاراڭلاشمىدۇق.قارىسام بۇ قىز كۆزۈمگە بېلەكچىلا ئىسسىق كۆرۈندى.6-7 سائەتلىك سەپەردە بۇنداق ماڭساق بولماس. يەنە كېلىپ ئۆزەممۇ بىر ئادەم ئادەمخۇمار،مۇڭداشقاق .چوڭ بولغاندىكىن مەن ئاۋال گەپ باشلاي ،دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.
-سىڭلىم ،ئۈرۈمچىدە ئوقۇمسىز؟ قارىسام ئوقۇغۇچىدەك قىلىسىز.
-ھەئە.شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرستىتىدا ئوقۇيمەن.
-بايا سىزنى ئۇزۇتۇپ چىققانلار سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزمۇ؟
قىز ،ھەئە دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.
-قارىسام ،دادىڭىزغا بەكرەك ئامراقكەنسىز ھە،دادىڭىز بىلەن ئايرىلىشقا قىيمايلا قالدىڭىز .ئەمما ئانىڭىز بىلەن سۇسلا خوشلاشتىڭىز.
قىز بالاغۇ دادىسىغا بەكرەك ئامراق كېلىدۇ.
-دىققەت قىپسىز ھە ھەدە،راست گەپنى دىسەم ئۇ ئانام ماڭا تۇنۇگۈنلا ئانا بولغان ،شۇڭا سەل قورۇنۇپ قالدىم .
-ھە...بۇ گەپچە دادىڭىز قايتا ئۆيلۈنۈپتۇ دە؟
-شۇنداق .تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى بولدى ،مەن شۇ تويغا كەلگەن،بۈگۈن قايتىپ ماڭدىم.
-مۇنداق دەڭ.ئەستا ،تۇرمۇشتىغۇ بۇنداق ئىشلار بوپ تۇرىدۇ.بۇ ئىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندۇ ھە -سورىدىم مەن.
-ياق ھەدە،كۆڭلۈم يېرىم ئەمەس. ئەكسىچە مەن شۇنچە خوشال ، دادامدىن بەكرەك مەن خوشال بولدۇم بۇ تويغا، دادامنىڭ توي ئىشىدىن رازىمەن- قىز بۇ گەپنى دەۋاتقاندا چىرايىدىن بىر خىل مەمنۇنىيەتلىك،خوشاللىق جىلۋىسى ئەكىس -ئەتتى.
-شۇنداقمۇ؟ شۇنداق بولسا ياخشىغۇ.ئەمما رىياللىققا يۈزلەنمەك سەل تەس.نۇرغۇن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتا نىكاھ ئىشىغا قوشۇلمايدۇ،ھەتتا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدۇ،بەك ئازاپلىنىدۇ.سىز بەك باتۇر قىز ئىكەنسىز، رىياللىقنى قۇبۇل قىلىپسىز.ئۇنداقتا ئوزىڭىزنىڭ ئانىسىچۇ؟باشقىچە نىيىتىم يوق ، سورىغىم كېلىپ قالدى،دىمىسىڭىزمۇ مەيلى- دىدىم سەل ئىككىلىنىپ .
-مىنىڭمۇ شۇ تاپتا بىرسى بىلەن مۇڭداشقىم كېلىپ تۇراتتى،سەرگۈزەشتىللىرىمنى سىزگە سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسىز؟ھەدە-قىز ئوماققىنە كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ سورىدى.
-ئەلۋەتتە خالايمەن.قېنى سۆزلەڭ-دىدىم قىزىقىپ.
-مەن يالغۇز بالا -دەپ گېپىنى باشلىدى ئۇ. دادام ئانام توي قىلىپ 5يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىغاچقا مىنى بېقىۋالغان ئىكەن(مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىمنى ساۋاغداشلىرىمدىن  بىلگەن ئىدىم )ئەينى چاغدا مەن 30كۈنلۈك بولغان ئىكەنمەن. ئۇلار مىنى تۇرۇپ قالسۇن،قاتارغا قۇشۇلۇپ قالسۇن دەپ ئارزۇلاپ ئىسمىمنى تۇرنىيە قۇيۇپتىكەن.چوڭ ئانامدىن ئاڭلىسام مەندەك ئانا سۈتى يوق بالىنى ئانام بەك جاپادا باققان ئىكەن. دادام -ئانام دېھقان بولغاچقا،
دادام، ئانامنىڭ ئورنىدا ئېتىزدا ئىككى كىشلىك ئىشلىسە ،ئانام ئويدە مىنى باقىدىكەن. دادام كۈندە قوشنىمىزنىڭ ئۈيىدىن سۈت ئېلىپ چىقىدىكەن ،مەن كالا سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولغانكەنمەن.ئەقلىمگە كېلىپ بىلدىمكى، مىھرىبان ئاتا-ئانام ماڭا شۇنداق كۈيىنەتتى.مىنى شۇنداق ئاسرايتى،ئەتىۋالايتى.بەزىدە  چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغاندا ئانام ۋەلسىپىت بىلەن بارايلى دىسە،دادام بالىنى سىز تۇتۇپ ئولتۇرىۋالىدىكەنسىز .ياق، پىيادە بارىمىز ،تۇرنىيە قىزىمنى مەن كۆتۇرۇپ بارىمەن،دەيتى.مىنى تالىشىپ بەزىدە ئۇلار قىزىرىشىپ قالاتتى. 5ياشلارغا كىرىپ قالغان بولساممۇ بەزىدە ھېرىپ قالدىم دىسەم، دادام مىنى كۆتۈرىۋالاتتى. بۇنداق چاغدا ئانام رەنجىپ: كۆتۈرمەڭ، كىشىلەر قىزىمىزنى ماڭالمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن ،دەيتى.دادام: ياق، مەن قىزىمنى يەردە ماڭغۇزمايمەن، چوڭ بولغاندا ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن.مىنىڭ قىزىم ماشىندا ،ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشقا لايىق دەيتى. ئاتا-ئانام خۇددى چىرايلىق ئالمىنى يىيىشكە كۆزى قىيماي قولىدا كۆتۈرىۋالىدىغان ئادەمدەك مىنى بېشىدا كۆتۈرەتتى. ئەمما تەربىيەگە كەلگەندە مىنىڭ ئاتا-ئانامدەك قاتتىق قول كىشى يوقمىكىن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاشۇ ياخشى تەربىيەسى بولمىغان بولسا بەلكى بۈگۈنكى كۈنۈم بولماس ئىدى دەپ ئويلايمەن. شۇنچە بەختىيار ،غەمسىز ،غۇبارسىز چوڭ بولۇۋاتاتتىم ،جاھاندا مەندەك بەختىيار بالا بولمىسا كېرەك ئىدى. ئەپسۇس 13 ياشقا كىرگەن يىلىم بېشىمغا يېڭى قىسمەتلەر كېلىشكە باشلىدى."يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ " دىگەن ھىكمەتلىك سۆزنى كىممۇ دىگەن بولغىيتى؟ مىھرىبان ئانام تۇيۇقسىز ئۆپكە راكى بىلەن ئاغرىپ قالدى.باشتا كىچىك ،كېيىن چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرەتتۇق ،داۋالاتتۇق ،ئۈنىمى بولمىدى.تۇققانلار ئارقىلىق كېسەل تارىخىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇ يەردىنمۇ كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىكەن ،ياخشى بېقىۋېلىڭلار دىگەن خەۋەر كەلدى.ھىچقانداق ئامال چارىسىز بىچارە ئانامنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدۇق. ئانامنىڭ بىر ئاچىسى ،بىر سىڭلىسى بار بولغان بىلەن ئاچىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس،سىڭلىسىنىڭ كىچىك بالىسى بولغاچقا،چوڭ ئانام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەچكە ،دادام ئۆزى يالغۇز ئانامنى باقتى . كېچىللىرى ئانامغا قاراپ ئۇخلىمايتى.ئۇ بىر تەرەپتىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلسا بىر تەرەپتىن ئۆيدە بار يوقنىڭ غېمىنى قىلاتتى.تاماق ئىتەتتى،كەچلىرى كىر -قات يۇيىتى.مەن ياردەملىشەي دىسەم ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇڭ دەپ ئۇنۇمايتى.دادام بۇ كۈنلەردە بېلەكچىلا جۈدەپ كەتكەن ئىدى،كېسەل ئازاۋىدا قىينىلىپ ياتقان ئانامغا ۋە جاپاكەش دادامغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كېتەتتى.ئانامنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېسەل بايقىلىپ 3 ئاي بولغاندا بىزنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كەتتى.شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام، خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ يەر كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەندەك ،جاھاندا ھەممە نەرسەم يوق بولغاندەك كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى ،دادام كىچىكىمدىن تارتىپ مىنى دىندىمۇ پەندىمۇ تەڭ تەربىيلەپتىكەن. بىر مۇسۇلمان قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللانىڭ ئۇرۇنلشتۇرىشىغا بويسۇنۇپ بۇ مۇسىبەتكە سەۋرى قىلدىم. قەلبىمىزگە سەۋىر ئاتا قىلغان ئاللاغا مىڭ رەھمەت. ئانامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ نەزىرسىنى قىلدۇق.نەزىر قىلغان كۈنى كەچتە ئانامنىڭ ھەدە، سىڭلىسى (چوڭ ۋە كىچىك ھاممام) ئۆيىمىزگە كەلدى.مەن ھويلىدا نەۋرە سىڭلىم بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپ دادام بىلەن ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم:
-قاسىمجان، سىڭلىمنىڭ يەيدىغان رىسقى شۇنچىلىك ئوخشىايدۇ،شىپا تاپالماي چىن دۇنياغا كەتتى.سىز ئۇنى بەك ياخشى باقتىڭىز ،ئوبدان داۋالاتتىڭىز.بىز ھەممىمىز سىزدىن رازى،يۇرت مەھەللە سىزگە ئاپىرىن ئوقۇۋاتىدۇ،سىزدىن شۇنداق مىننەتتار.رەھمەت ئۇكام.-چوڭ ھاممامنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنۇڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:ئۇكام ،سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى،شۇڭا سىڭلىم ئىككىمىز كەلگەن.
-نىمە ئىش ئىدى؟-سورىدى دادام.
-قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
-نىمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ ئاچا-دىدى دادام.
-تۇرنىيەنى مەن ئېلىپ كېتەيمىكىن،ئۇنى بۇندىن كېيىن مەن بېقىپ چوڭ قىلسام .
-نىمىشكە ؟ مەن ئۇنى باقالمامدىم؟
-ياق ،ئۇنداق ئەمەس،دىمەكچىمەنكى،كېيىن سىزمۇ قايتا ئۆيلىنىسىز ،شۇ چاغدا ئۇنۇڭ بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن دەيمەن. سىڭلىم ئۇنى جېنىدىن ئېزىز كۆرەتتى.ئۇنۇڭ كۆزىدىن ياش چىقسا سىڭلىمنىڭ روھى قورۇنۇپ قالارمىكىن .يەنە كېلىپ مىنىڭمۇ بىر قىزىم بار ئىككىسى ئاچا-سىڭىل بولۇپ ئۆتسۇنمىكىن دىگەن.
-ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ،ئەمما مەن تۇرنىيەنى ھىچكىمگە بېرەلمەيمەن.ئۆزەم قاتارغا قوشىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ،ئۇنى بىرەرسىگە ئۆگەيلەتمەيمەن.
-ئۇنداق دىگەن بىلەن سىز يا ئۇنىڭ ئۆز دادىسى بولمىسىڭىز ،ئادەم ئەنسىرەيدىكەن.....-بۇ ئاغزى ئىتتىك كىچىك ھاممامنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-نىمە؟ بۇ نىمە دىگىنىڭىز نىمىدىن ئەنسىرەيسىز؟مەن ئادەم ،ئالۋاستى ئەمەس!جۇمۇ. ھازىرقى دەردىممۇ ،ھازىرقى ھىجران ئازاۋىمۇ يېتەر. ئايالىمدىن يېڭىلا ئايرىلدىم ،ئەمدى قىزىمنى ئېلىپ كېتىمىز دىسەڭلار بۇ مىنىڭ جېنىمنى تىرىكلا ئالغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ كەچۈرۈڭلار ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن.بولدى،قايتىپ كېتىڭلار.-دىدى دادام كەسكىنلا .
بىر مەھەل تالاش-تارتىشتىن كېيىن ھاممىللىرىم قايتىپ كەتتى.ئۇلار كەتكەندىن كېيىن دادام مىنىڭ بېشىمنى سىلاپ ماڭا ئۇزاق قاراپ كەتتى ۋە بۇقۇلداپ ئىىچى-ئىچىدىن يىغلاپ كەتتى،مەنمۇ يىغلىدىم ."دادايىغلىماڭ مەن ھىچيەرگە كەتمەيمەن،سىز بىلەن تۇرىمەن" دەپ دادامنىڭ يېشىنى ئېيتسام،"يىغلىماڭ قىزىم ،مەن بار. سىزنىڭ بوينىڭىزنى ھەرگىز قىسپ قويمايمەن ،سىزنى غېرىپسۇندۇرمايمەن جېنىم قىزىم "دەپ دادام مىنىڭ يېشىمنى سۇرتەتتى ...........
قىز ھىكايىسىنى سۆزلەپ بۇ يەرگەكەلگەندە كۆزلىرىم نەملەشتى ،ئۇنىڭمۇ يىغلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
-سىڭلىم ،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى دەڭە،ئاخىرغىچە ئاڭلاي -دىدىم مەن ئۆزەمنى تەستە تۇتۇپ.
-شۇنداق قىلىپ دادام ئىككىمىزنىڭ ئانامدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشىمىز باشلاندى.دادام بىچارە ئۆيدە ئايال كىشى تالادا ئەر كىشى ئىدى.گەرچە ئانام مىنى ئاسراپ ئۆي ئىشلىرىغا كۆپ سالمىغان بولسىمۇ كۆزۈم پىششىپ قالغان ئىكەن،دادامغا ياردەملىشىپ خېمىمىزنى پۇشۇرۇپ يەپ ،ئۆينى ئاپام تۇتقاندەك پاكىزە تۇتۇپ كەلدۇق.لېكىن نىمىشقىدۇ ئۆيىمىزدىن بوران ئۇچاتتى،بۇ دەل ئانىلارنىڭ بۈيۈكلىكى،ئۇلۇغلىقىنىڭ سىرى  بولسا كېرەك.
   بىر كۈنى كىچىك ھاممام مەكتەپنىڭ ئالدىغا مىنى ئىزدەپ كېلىپ : تۇرنىيە داداڭىز دىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ.ئۇ بار چاغدا مۇنچىغا چۈشمەڭ، كۈندىزى كيىم يەڭگۈشلىگەندە،ئاخشىمى ئۇخلىغاندا ئىشىكنى ئىچىدىن ئىتىۋېلىڭ ، دادىڭىز بوزەك قىلسا بىزگەدەڭ....دىگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ كەتتى.مەن ئۇنۇڭ گەپلىرىنى تازا چۈشەنمىدىم.توۋا، نىمىشكە ئۇخلىغاندا ئىشىكىنى تاقىۋالىمەن؟ دادام ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىمغا  كىرىپ پىشانەمگە سۈيۈپ "ئاللاغا ئامانەت قىزىم" دەيدىغان تۇرسا، كېچىسى كىرىپ يوتقۇنۇمنى يېپىپ قويىدىغان تۇرسا. ئىشىكنى ئىتىۋالسام قانداق كىرىدۇ ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن.دىدىم ئۆز-ئۆزەمگە.كېيىن چوڭ بولغاندا ئاندىن چۈشەندىمكى مىنىڭ پاك ، ئەخلاقى پەزىلەتلىك ،پەرىشتىدەك ئىسىل دادامنىڭ ئەخلاقىدىن ئەنسىرەپ ماڭا بىرەر غېنىملىق قىلىپ قويمىسۇن دەپ ھاممىملىرىم شۇنداق دىيىشكەن ئىكەن. ئەمما ئۇلار دادامنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەسلىكىنى،ئىكسىچە قانچىلىك ئىسىل ئادەملىكىنى  بىلگەندىن كېيىن ئۇنۇڭغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.......
  دادا بالا ئىككىمىز ئاپامدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى ھېيتنى كۈتىۋالدۇق.گەرچە ئۇرۇق -تۇققانلار ۋە خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ياردىمىدە ھېيت تەييارلىقىنى قىلىۋالغان بولساقمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز يېرىم،تولىمۇ مىسكىن  ئىدى. دادام مىنى غېرىپسىنىپ قالمىسۇن دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن مىنى خوشال قىلىشقا تىرىشتى،لېكىن ئانامنىڭ مىھرىنى ھىچنەرسە تولدۇرالمايدىغاندەك قىلاتتى. ھەممىگە مەلۇم  كىشىگە ھېيت -ئايەمدە بەكرەك غېرىپلىق يېتىدىكەن..... بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كەتتى.ھەش-پەش دىگىچە ئانامنىڭ يىلى بولدى.ئۇرۇق -تۇققانلار تەرەپ -تەرەپتىن دادامغا لايىق تۇنۇشتۇرماقچى بولدى.ئەمما دادام 'تۇرنىيە ئالى مەكتەپكە چىقمىغىچە توي قىلمايمەن "دەپ كەسكىن رەت قىلدى. تۇققانلار :ھەمممە ئۆگەي ئانا ئەسكى بولمايدۇ،تۇرنىيەگە ياخشى بىر ئانا تېپىپ بېرەيلى،دەپ نەچچە رەت دىگەن بولسىمۇ  دادام يەنىلا ئۆزپىكرىدە چىڭ تۇرىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئايلار ،يىللار ئۆتتى ،مەنمۇ تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقتىم .ئەمدى مەن ئۆي ئىشلىرىنى تەل تۈكۈس قولۇمغا ئالدىم ،تاماق ئېتىشكىمۇ شۇنداق ئۇستا بولۇپ كەتتىم.پەقەت نانلا ياقالمايتىم.خېمىرنى ئىتىپ تەييار قىلسام دادام يېقىپ بېرەتتى .دادامنىڭ كۈندىن كۈنگە ياداپ كېتىپ بارغان چىرايىغا،ۋاقىتسىز چۈشكەن يۈز قورۇقلىرىغا  قاراپ ئىچىم سىرىلەتتى،كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . دادام توي قىلسا بولاتتى ،ئۇ ئەمدىلا 40ياشتىن ئاشقان ئادەم تۇرسا ،دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە. بىر كۈنى غەيرەتكە كېلىپ ئۇنۇڭغا : دادا ئۆيلىنىۋېلىڭ ،مەن خوش بولىمەن،دىدىم.ئەمما دادام رەت قىلدى .بەزىدە دادام شۇنداق مۇڭلۇنۇپ قالاتتى،بۇنداق چاغلاردا ئۇنۇڭغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىيتى . ئۇ مىنى دەپلا شۇنداق قىلىۋاتاتتى..........
  شۇنداق قىلىپ، مىنىڭ مىھرىبان دادام مىنىڭ جاپايىمنى يالغۇز تارتىپ ،يىمەي يىگۈزۈپ كەيمەي كەيگۈزۈپ ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ باقتى.مەنمۇ دادامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ياخشى ئوقۇدۇم ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا يوقۇرى نۇمۇر بىلەن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتتۈم. دادامنىڭ چىھرىدىن ئاخىرى خوشاللىق كۈلكىسى كۆردۈم.مانا ، دادام مىنى ئالى مەكتەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن ئانام تۈگەپ كېتىپ ساق 6 يىلدىن كېيىن ئاندىن توي قىلدى. مىنىڭ دادام نىمە دىگەن ئۇلۇغ،نىمە دىگەن قەيسەر دادا ھە! مىنىڭ نىمە ئۈچۈن دادامنىڭ تويىدىن خوشال بولغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز ھەدە -دەپ ھىكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردى ،ئۇ قىز.
-شۇنداق ،چۈشەندىم،ھەممىنى چۈشەندىم،دادىڭىز پەرىشتە سۈپەت ئادەمكەن.ھىكايىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم.ئاللا سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خاتىرجەملىك ۋە چەكسىز بەخىت ئاتا قىلسۇن -دىدىم مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ.
-شۇڭا دەيمەن ھەدە ،مەن تەلەيلىك دەپ ،چۈنكى ئاللا ماڭا ئاشۇنداق ياخشى دادىنى بېرىپتىكەن،بەلكى مىنى تۇققان دادام بولغان بولسىمۇ ماڭا بۇنچىلىك مىھرىنى بېرەلمەس بولغىدى.مەنمۇ دادامنى مىنى باققاندەك باقىمەن،بىر ئۆمۈر دادام ئۈچۈن ،دادامنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايمەن.
-بارىكاللا ،سىڭلىم.ئاللا تىلىگىڭىزگە يەتكۈزگەي-دىدىم مەن. ئۇ راست چارچاپ قالدىمۇ ياكى كۆز ياشلىرىنى مەندىن يۇشۇرماقچىمۇ.
-ھەدە سەل چارچاپ قالدىم بىر ئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي دىدى.
-شۇنداق قىلىڭ،ماڭا يۆلۈنۈپ بىر دەم ئۇخلاڭ ،يول خېلى بار دىدىم -ئۇ ماڭا يۆلۈنۈپ كۆزىنى يۇمدى.شۇ تاپتا ،قەلبىم ھاياجان بىلەن تولدى.بۇ كىچىككىنە قىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ئۇنۇڭغا بولغان ھىسداشلىقىمنى قوزغۇسا ،دادىسىنىڭ مىھرىبانلىقى ،قەيسەرلىكى مىنى ئۇنۇڭغا غايىۋانە ئىھتىرام بىلدۈرۈشكە ئۈندەۋاتاتتى. 6 يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس. مەن دىمىسەممۇ بۇ 6 يىلنى دادا بالىنىڭ قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزگەنلىكىنى،قانچىلىك جەۋرى -جاپا تاتقانلىقىنى،بولۇپمۇ ياپ- ياش بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بويتاقلىقنىڭ قانچىلىك تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلالايدۇ. بىز شۇنداق خەق . ھېلى ئۇنى خوتۇنى ئۈلۈپ 7 كۈن بولغاندا توي قىلىۋالدى دىسەك،ھېلى بۇنى خوتۇنى ئۈلۈپ بىر يىل بولسىمۇ توي قىلمىدى بۇ چۇقۇم پىخسىق ياكى چاتاق.... دەپ تاتىلايمىز.مۇشۇنداق پىتنەخور جاھاندا تۇرنىيەنىڭ دادىسىغا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەستە؟
  كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،ئەقىدە -ئەخلاق،مىھرى مۇھاببەت سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان ،شەرمى-ھايا كىشىلەردىن بارغانچە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئىككى تەڭگەتاپسا خوتۇن يەڭگۈشلەۋاتقان،بىر ئەمەس بىر نەچچە ئاشنا تۇتۇۋاتقان ،خوتۇن باللىرىنى زار- زار قاخشىتىپ ئار- نومۇستا قۇيۇپ گوناھ كوچىللىرىغا مېڭىۋاتقان ،ئۆزىنى ،ئەسلىنى ئۇنۇتقان ئەرلەر ئەتراپىمىزدا مەس-ئەلەس يۈرمەكتە. ئۆز خوتۇن قىزلىرىنى قوغداشتا يوق ،ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قان ياش ئاققۇزماقتا.بۇنداق ئەرلەرنىڭ قولىدىن نىمە ئىش كېلىدۇ؟ ئۆز ئاجىزەلىرىنى قوغدىيالمىغان ئەر باشقا چوڭ ئىشلارنى قىلالامدۇ؟ بۇنداق ئەرلەردىن نە ئايالى نە بالىلىرى ئەيمەنسۇن،ئۇلارغا ھۆرمەت نىمە ئىش قىلسۇن؟ ئۇلار پەس ئارزۇ ھەۋەس ئۈچۈن ۋىجدانىنى بىر تىيىنغا سېتىۋەتمەكتە. كىشىنى نىجاسەتتىن بەتتەر سەسكۈندۈرۈپ بەزىلەر ئۆز قىزىدەك قىزلارغا ھەتتا قىلچە تەپتارتماستىن ئۆز قىزىغا قارا قولىنى سۇنۇپ ئۇلارنى ئاياق ئاستى قىلماقتا(گەرچە بۇ ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ).نۇمۇس،لەنەت شۇنداقلارغا! بۇنداقلارنى بەزىلەر ئادەم ئەمەس ھايۋان دەپ تىللايدۇ.مىنىڭچە ئۇلارنى ھايۋان دىيىش ھايۋانلارغا قىلىنغان ھاقارەت، ھايۋانلارغا ئۇۋال قىلغانلىق. چۈنكى ،بۇنداق ئىشنى ھايۋانمۇ قىلمايدۇ.ئۇلار ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق خالاس! ئۇنداقلانىڭ يۈزى ئىككىلى ئالەمدە قارابولىدۇ، ئۇلارغا مىڭ لەنەت.
بۇنداقلارغا روشەن سېلىشتۇرما ھالدا ،تۇرنىيەنىڭ دادىسىدەك قەدىردان ئاتىلار ،ئاللانىڭ ئامانىتى بولغان خوتۇن باللىرىنى جان تىكىپ قوغداپ ،ئۇلارنى ئاسراپ،ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ ،پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلەپ،ئۇلارنىڭ  بەختى خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۆزنەپسىدىن كېچىپ "بالام" دەپ ياشاۋاتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ،مەدھىيلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە.
ئى، قەدىردان ئاتىلار:ئاللا بىز ئاجىزەلەر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭلارنى،ئەجرىڭلارنى،مىھنىتىڭلارنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ،جاۋاپسىز قالدۇرمايدۇ، سىلەرگە ئىككى ئالەملىك بەخىت -سائادەت ئاتا قىلىدۇ.
  ئاخىرداشۇنى دىگىم كېلىۋاتىدۇ: بۇ دۇنيادا پاك ۋە ھالال ياشاپ كېلىۋاتقان پەرىشتە سۈپەت ئاتىلار سىلەرگە ھۆرمەت ،يۇقۇرى مەرتىۋىلەر مەڭگۈ يار بولسۇن . سالامەت بولۇڭلار ،بەختىيار خاتىرجەم ياشاڭلار ،سىلەرگە ئالى ئېھتىرام!
ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ: http://tatlik.biz/asar/2012/0119/article_43.html
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز
تور بېكتصمصزگة يوللانغان ھةرقانداق فصلصم ، ناخشا- مۇزصكصلار ۋة رةسصملةر توردصن ئېلصنغان، ئةگةر نةشصر ھوقۇقصغان دةخلص يةتكةن مةزمۇنلار بولسا دةرھال بصز بصلةن ئالاقصلصشصڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
苏ICP备11012669号
بارلىق ھۇقۇق توقسۇ ناھىيە تاتلىق تور ئىشخانىسىغا مەنسۈپ